خوتەندە بىر ئۈستى ئوچۇق ئۆي جاھازىلىرى بازىرىغا ئوت كەتتى

0 2013-04-15 11:24:40   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

  شىنخۇا تورىنىڭ ئۈرۈمچى 12-چېسلادىكى خەۋىرى: 12-چېسلا سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق ئۆي جاھازىلىرى شەھەرچىسىگە ئوت كېتىپ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بىناسىغا تۇتىشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە نەچچە يۈز ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆلۈپ-يارىلىنىش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.

  مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگەللىشىچە، سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن شەھىرىنىڭ تەيبېي يولى (شەرقىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ يېنىدا) دىكى بىر ئۈستى ئوچۇق ئۆي جاھازىلىرى بازىرىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئوت تېزلىكتە يامراپ، ئەتراپتىكى بىر ئالتە قەۋەتلىك U شەكىللىك ئاھالىلەر بىناسىغا تۇتۇشۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى ئاللىقاچان ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ، 200 دەك خادىم نەق مەيداندا ياردەمگە بارغان ۋە ئەتراپتىكى نەچچە يۈز كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان.

  ئوت ئۇلۇغ بولغانلىقتىن، U شەكىللىك بىناغا پۈتۈنلەي ئوت كەتكەن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى قاراقاش، لوپ ناھىيىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ماشىنىلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملەشتۈرۈشكە بۇيرىغان. نۆۋەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى سىتاتىستىكا قىلىشقا ئامال بولمىغان، ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىمۇ تەكشۈرۈلمىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博