شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات-نەشرىيات ئورگانلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاپرېل تەكلىپكە بىنائەن، قازاقىستان ئالمائاتا شەھىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە مەتبەئە بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات-نەشرىيات ئورگانلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاپرېل تەكلىپكە بىنائەن، قازاقىستان ئالمائاتا شەھىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ۋە مەتبەئە بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەرلىك ئوقۇرمەنلەرگە 300 خىلدىن ئارتۇق ئېسىل كىتابلارنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، 2-نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋرۇپا نەشرىيات كۆرگەزمىسى››نى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇردى.
كىتاب كۆرگەزمىسى باشلانغان كۈنى ئۇكرائىنا، بېلورۇسىيەنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى قاتارلىق مېھمانلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قازاقىستاننىڭ داڭلىق خەلق يازغۇچىسى مۇختار شاخانوف ۋە مۇرات ئاۋئەيزوف قاتارلىقلار كىتاب كۆرگەزمىسىدە لېنتا كەستى، مۇراسىم ئىنتايىن قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.
قازاقىستاندىن باشقا يەنە، بۇ نۆۋەتلىك كىتاب كۆرگەزمىسىگە جۇڭگو شىنجاڭ، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، بېلورۇسىيە، تۈركىيە، ئۇكرائىنا، تۈركمەنىستان، ئىران قاتارلىق 13 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 85 نەشرىيات ئورگىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 13-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ كۆرگەزمە ئورنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن نەشر ھوقۇقى سودىسى قانات يايدۇرغان 300 خىل شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقچە، ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە كىتابلار باركەن. بۇنىڭدىن باشقا، قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگونى، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ‹‹قوشنا›› ژۇرنىلى رېداكسىيەسى بىلەن قازاقىستان ‹‹دوستلۇق كۆۋرۈكى›› ژۇرنىلى رېداكسىيەسى كۆرگەزمىدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ نەشر قىلدۇرغان 11 پارچە يېڭى كىتابنى داغدۇغىلىق تونۇشتۇردى. كىتابلاردا قازاقىستان شىلىر يېزىقىدا جۇڭگو بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تۇنۇشتۇرۇلغان. ئۇ كىتابلاردىن ‹‹جۇڭگودىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىلىرى›› (1-، 2-قىسىم)، ‹‹يىپەك يولىدىكى شىنجاڭ›› (1-، 2-قىسىم)، ‹‹جۇڭگو مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسى›› (1-، 2-قىسىم)، ‹‹جۇڭگوغا ساياھەت›› (1-، 2-قىسىم)، ‹‹جۇڭگودىكى بايراملار››، ‹‹جۇڭگو ھەققىدىكى ھېكايىلەر››، ‹‹ شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان 13 مىللەت›› قاتارلىقلار بار. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم كىتابلار 4-ئاي ئىچىدە قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىرىدىكى كىتابخانىلاردا رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلايدىكەن.