«يەر شارى ئاخبارات تورى دوكلاتى » ئىجتىمائىي ئالاقە تورى « يۈز گىرىمى » تورى (Facebook ) بىر «بىر مىڭ چەكمە چېكىش سەۋەبى » باش بېتىدە 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر كانادالىق بىر قىزنىڭ كۆكسىگە چەكمە چەكتۈرگەن رەسىملىرى ئېلان قىلىندى . بۇ قىز ئىلگىرى لىمفا راكى ، سۈت بېزى راكى ، قالقانسىمان بېزى راكى قاتارلىق ئۈچ خىل راك كېسىلى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن ، ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى دوكلاتىدا ، بۇ رەسىملەرنىڭ كەينىدىكى ھېكايە سۆزلەندى .

كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىز Lindsay Sarti Forde بۇ يىل 34 ياشتا ، 11 يېشىدىن باشلاپ ئۇ راك كېسلى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ . 28 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان Lindsay Sarti Forde ئىككى كۆكسىنى كېسىپ ئېلىۋىتىش ئوپېرتسىيەسىنى قىلدۇردى ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بۇ قەيسەر قىز قايتا كۆكسىنى ئوڭشىتىش ئوپېرتسىيە ئۆيىگە قەدەم باسماسلىقىنى قارار قىلدى ، شۇنداقلار ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەردىكى تاتۇق ئورنىغا چەكمە چەكتۈرۈشنى تاللىدى . ئۇ تاللىغان چەكمىنىڭ شەكلى شاقىراتمىنىڭ يېنىدا ئارام ئېلىپ ئويناۋاتقان گۈزەل كېپىنەكسىمان كىچىك زېرەك . Lindsay Sarti Forde ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى چەكمىلەرنى مۇخبىرىغا تەسۋىرلەپ : «بۇ چەكمىلەر بولسا مېنىڭ قەيسەرلىكىم ۋە ئىقتىدارىمنىڭ سىمۋولى ، ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنىڭ راك كېسىلى بىلەن كۆرەش قىلغان كۈنلىرىمنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىدۇ ، مەن يەڭدىم ، ھەمدە بۇ قېتىممۇ ئاخىرىغىچە غەلبە قىلىشىمنى ئۇمۇد قىلىمەن . » ئۇ ئۇمىدۋالىق بىلەن كۆرسىتىپ : « مەن يەنىلا گۈزەل ، قايتا كوكسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئۆيىگە قەدەم قويۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ، « ئاياللارنىڭ كۆكسى » ماڭا ۋە مېنىڭ ئاياللىق سالاھىيىتىمگە ۋەكىلىك قىلالمايدۇ . مەن تېخى ھايات ، ئەگەر بۇ راك كېسىلىگە يەنە گىرىپتار بولۇپ قالساممۇ ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىمەن .

چۈشەندۈرلىنىشىچە، بۇ يىل يازدا Lindsay Sarti Forde بىلەن ئۇنىڭ بولغۇسى يولدۇشى توي قىلدىكەن .ئۇنىڭ بىر قاتار رەسىملىرى نۆۋەتتە تور بېكەتلىرىدە تارقىتىلىغان كېيىن ، 700 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق «مەدھىيلەش» گە ئېرىشكەن ، ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسى نۇرغۇن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ۋە كېسەل بىلەن كۆرەش قىلۋاتقانلارغا ئىلھام بولغۇسى .
ھەمبەھىرلىنىڭ