كانادا «كۆرۈنمەس ھەربىي فورما» ماتىريالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى

0 2012-12-14 10:16:04   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   تەيۋەن " مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى " نىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى " كىۋانتلىق يۇشۇرۇنۇش " دەپ ئاتىلىدىغان ئىلغار ماتىريالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ خىل تېخنىكا ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلسە بولىدىغان بۇلۇپ ئەسكەرلەر ئۈچۈن " كۆرۈنمەس ھەربىي فورما " ياسىغىلى بولىدىكەن.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، " كىۋانتلىق يۇشۇرۇنۇش " ماتىريالىدىن كىيىم تىكىلگەندە، نۇر قايتۇرۇش رولى ئارقىلىق بۇ كىيىمنى كىيگۈچىنىڭ يېنىدىكى يۇرۇقلۇق دولقۇنىنى تارقىتىپ، بۇ كىيىمنى كىيگەن كىشىنى " كۆرۈنمەس " ھالەتكە ئېلىپ كىلىدىكەن. بۇ خىل تېخنىكا ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بەكلا ماس كېلىدىغان بۇلۇپ ھەربىيلەرنى خۇددىي " كۆرۈنمەس ھەربىي فورما " كىيىۋالغاندەك يۇشۇرۇن ھالەتتە يۈرۈشكە قۇلايلىق بۇلۇپ سىنوئۇپىرىسكوپتىنمۇ يۇشۇرۇپ قالالايدىكەن.بۇ شىركەت بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنى ئامېرىكا ۋە كانادا ھەربىي تەرەپكە نامايەندە قىلغان، ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博