گۇگۇل شىركىتى جۇڭگۇ رايۇنىدىكى مال سېتىۋېلىش ئىزدەش مۇلازىمتىنى تاقىدى

0 2012-12-14 09:57:41   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   تۈنۈگۈن ئېلىكتىرونلۇق سودا " قوش 12 " مال سېتىۋېلىش بايرىمى، لېكىن گۇگۇل شىركىتى بۇ كۈندە جۇڭگۇ رايۇنىدىكى مال سېتىۋېلىش ئىزدەش مۇلازىمىتىنى توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇلازىمەتنى توختىتىش بۇ شىركەتنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىزدەش مۇلازىمىتىنى توختاتقاندىن كىيىنكى 3 ئاي ئىچىدىكى ئىككىنجى قېتىملىق جۇڭگۇدىن مەھسۇلاتىنى چىكىندۈرىشى ئىكەن.

   گۇگۇل شىركىتىنىڭ بۇ مۇلازىمەتنى تاقاشتىكى سەۋەبى بولسا مال سېتىۋېلىش ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ جۇڭگۇدىكى تەسىر كۈچى پەرەز قىلىنغان پەللىگە يەتمىگەنلىكى ئىكەن. گۇگۇل شىركىتىنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىزدەش ماتورى بۇندىن ئىلگىرى ئالىبابا گوروھىنىڭ قارمىقىدىكى يىتاۋ تورى بىلەن رىقابەتلەشكەن، يىتاۋ تورى بارا-بارا ئىستىمالچىلار تەرىپىدىن ياخشى تۇنۇلغان، گۇگۇل مال سېتىۋېلىش ئىزدەش مۇلازىمىتى بولسا ئۈزلۈكسىز باشقىلارغا تۇنۇلالماي كەلگەن. گۇگۇل شىركىتى باياناتتا :" بىز يەنىلا جۇڭگۇ كارخانىلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىكىسپورت قىلىشىقا تىرىشىمىز، جۇڭگۇ سودىگەرلىرى يەنىلا Google Shopping نى ئىشلىتىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ." دېدى.

   ئىنتىرنىت تورى ئانالىزچىسى سۈن جىيې بۇ قېتىم گۇگۇلنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تاقىشى ھەقىقەتەنمۇ دۆلەت ئىچىدە قىلچىلىك تۇنۇلۇشقا ئىرىشەلمىگەنلىكتىن بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىلاجىسىز جۇڭگۇ بازىرىدىن ئۈن-تىنسىز چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. google.cn تاقالغان بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە گۇگۇل كۆپ قېتىم جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، بىراق ئەمەلىي ئەھۋاللار بولسا ئەكسىچە بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىش يولىنىڭ تېخىمۇ يىراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博