كانادادىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا جۇڭگولۇق خۇجايىن باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى

0 2012-09-13 10:36:12   يەر شارى تورى خەۋىرى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئامېرىكا " مۇھاجىر " گېزىتنىڭ 10- سىنتەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا ، كانادا غەربى Edmonton مەھەلىسىدە ، 9- سىنتەبىر جۇڭگولۇق ئاشخانا خۇجاينىنىڭ تاڭ ئائىلىسى كوچىسىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكلىنى خەۋەر بەردى ؛ يەرلىك ساقچىلار بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ، جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدىمەكتە ؛ كۆرگۈچىلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، بۇ جۇڭگولۇق خۇجايىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىن ، بىرەيلەننىڭ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى دىگەن .

   زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 50 ياشتىن ئاشقان Didas Wong ، تاڭ ئائىلىسى كوچىسىدىكى جىن خەن ئەسىر مىھمانسارىيىنىڭ خۇجايىنى . Edmonton ساقچى ئىدارىسى ساقچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا : " بۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىغا ئىرىشىش تەسكە چۈشكەنلىكىنى ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قارا رەڭلىك بىر مىنوبوسنىڭ نەق مەيداندىن ئايرىلغانلىقىنى دىگەن . ھازىر بۇ مىھمانساراي تاقالغان بولۇپ ، خىزمەتچى خادىملىرى سوراق قىلىش باشلانغان .

  زىيانكەشىككە ئۇچىرغۇچىنىڭ بۇ رايۇندا تۇرىۋاتقانلىقىغا 10 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇ ئاپىسى ۋە قىزى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن ؛ ئادەتتە ئۆزى توغرىسىدا ئىنتايىن ئاز گەپ قىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博