بېيجىڭدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئالدىدا ئۆلتۈرۈلگەن

0 2012-09-12 10:54:30   خەلىقئئارا ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە ،بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسى باشقۇرۇش مەكتىپىنىڭ ئالدىدا ئىككى نەپەر مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە نەچچە ئادەم زىددىيەتلىشىپ قېلىپ ئوقۇغۇچى ۋاڭ ئۆلتۈرۋېتىلگەن ،قاتىل قېچىپ كەتكەن.

ۋەقە بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسى باشقۇرۇش مەكتىپىگە 50مېتىر يىراقلىقتىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن.كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە،چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە ۋاڭ قاتارلىق ئىككى ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن چىقىپ تاللا بازىرىغا كىرىپ نەرسە سېتىۋالماقچى بولغاندا ئۈچ تۆت ئادەم ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ،ئۇلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىت زىددىيەتلەشكەن ئاندىن بىر ئادەم يېنىدىكى ئۆتكۈر پىچاقنى چىقىرىپ ۋاڭنىڭ بىر قانچە يېرىگە تىققان ،ۋاڭ قانغا بويىلىپ يەردە ياتقان،ئادەم يارلاندۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى شىمال تەرەپكە قاراپ قاچقان <قاتىللىق قىلغان بىر قانچىسى مەخسۇس ئۇنى ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى>.

<شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆيدە قارتا ئويناۋاتقان،سىرتقا چىقىپ بالىغا قارىغان ۋاقتىمدا بالا يەرگە يېقىلىپ كۆپ قان چىقىپ كەتكەن ئىدى>تاللا بازىرى خوجايىنى سىرىتقا چىقىپ ۋاڭ نىڭ يەردە ياتقانلىقىنى دۈمبە قىسمى ۋە بىلەك قىسمىدا كۆپ يارا ئېغىزى بولۇپ قاننىڭ كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.قاتىل يۈز مېتىردىن ئارتۇق جايغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ ۋاڭنىڭ بۇرادىرى قوغلاپ يىتەلمىگەن.دوكان خوجايىنى دوكاندىن بىرمۇنچە قەغەزنى ئېلىپ چىقىپ بالىنىڭ قېنىنى سۈرتۈپ يارا ئېغىزىنى توسقان.

20مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن جىددى قۇتقازغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ جىددىي قۇتقازغان بولسىمۇ لېكىن ۋاڭدا ھاياتلىقنىڭ تىنىقى قالمىغان.

چۈشتىن كېيىن سائەت بەش يېرىمدا ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېتىلىپ قان ئىزى توپا بىلەن كۆمۈپ قويۇلغان.بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي باشقۇرۇش مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى چىڭ تاقالغان،نۇرغۇن ئامالىق ساقلىغۇچى قاراۋۇلدا تۇرغان،مەكتەپ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ساقچى تەرەپنىڭلا چىقىپ كىرىشىگە يول قويۇلغان ،نۇرغۇن ساقچى ماشىنىلىرى مەكتەپ ئالدىغا توختىتىلغان،نەچچە ساقچى ئەتراپتىكى دوكانلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئول خادىمىنىڭ دېيىشىچە ،ساقچىلار ھازىر داۋاملىق تەكشۈرىۋاتقان،مەكتەپ ھەر قانداق ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەن.مۇخبىرلار ئىشىك سىرتىدا رەسىمگە تارتىۋاتقاندا بۇ خادىم رەسىم تارتىشنى توسقان ھەم رەسىمنى ئۆچىرۋىتىشكە بۇيرىغان.

مەكتەپ ئۇدىلىدىكى بىر نەچچە دوكاننىڭ ئالدىدا ئۆلگىچىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بولۇپ 20نەچچە ئادەم تۇرۇپ مەكتەپنىڭ بىر مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博