جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە «ئېلىپ-سېتىش»ىغا يول قويۇلمايدۇ

02012-09-12 10:12:49   xjtsnews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   10-سېنتەبىر ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دياۋيۈ ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە جەنۇبىي كىچىك ئارال ۋە شىمالىي كىچىك ئارالنى «سېتىۋېلىپ»، ئۇنى ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش»نى جاكارلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.

    بۇ يىلدىن بۇيان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ھەرىكىتى كۆپىيىپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا دياۋيۈ ئارىلىغا تەۋە بىر قانچە ئارالغا «نام قويۇش» ئويۇنىنى  ئوينىغاندىن كېيىن، يەنە ئوڭ قانات كۈچلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، «ئارالنى سېتىۋېلىش» پاراكەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە ئاخىر ئۆزى سەھنىنىڭ ئالدىغا بىۋاسىتە سەكرەپ چىقىپ، دياۋيۈ ئارىلى ھەم ئۇنىڭغا تەۋە جەنۇبىي كىچىك ئارال ۋە شىمالىي كىچىك ئارالنى «سېتىۋېلىپ»، ئۇنى ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.

   ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتتىكى مەقسىتى شۇكى، ئاتالمىش «دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش» ئارقىلىق، دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان «ئەمەلىي باشقۇرۇش»ىنى كۈچەيتىپ، ئاخىر دياۋيۈ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىش. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق چۈشەندۈرسۇن ياكى پەردازلىسۇن، بۇ قىلمىشنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى «ئېلىپ-سېتىش» تەك ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ بولالمايدۇ. ئازراق ساۋادى بارلا كىشى بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ تولىمۇ بىمەنە ۋە قانۇنسىزلىقىنى بىلىدۇ، يەنە كېلىپ جەزمەن مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكىمۇ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن.