يەسلى ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى خەلق دېققەت قىلىۋاتقان كونا مەسىلە. بۇ يىل يانۋار، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسى»نى بىرلىشىپ تارقىتىپ، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلارمۇ «يەسلىلەر ھەققى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىگە قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن چىقاردى. بىراق بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە: تەرتىپكە سېلىنغان ئۈنۈمگە نىسبەتەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلاردىن پەقەت %3.4ى ئىجابىي باھا بەرگەن، %84.3ى سەلبىي باھا بەرگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئويلىغاندەك چىقتى، «يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسى» چىققاندا، مەلۇماتلىق كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ»، بۇ نۇرغۇن ئاممىنىڭ كۈتكىنىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارىدى. كۆپ يىلدىن بېرى جايلاردىكى ئەمەلىيەت يەسلى ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا ھۈججەتنىڭ، چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەس، بەلكى قاتتىق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنىڭ كەمچىللىكىنى ئىسپاتلىدى، تۈپ يىلتىزىدىن قارىغاندا، بۇنى بايلىقنىڭ ئېغىر كەمچىل بولۇشى پەيدا قىلغان بولۇپ، ھەرقانداق چەكلەش ياكى قىسقا مۇددەتلىك تەدبىرنىڭ ھەممىسى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.
ئاممىنىڭ %80تىن يۇقىرى سەلبىي باھاسىغا نىسبەتەن، ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش كېرەك. يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى ھەق ئېلىشىدا مەۋجۇد بولىۋاتقان نۇرغۇن ئەمەلىي ئامىللارنى كۆرۈش كېرەك، ئاممىۋىي مالىيە سېلىنمىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل يېتىشمەسلىكى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب، 2010-يىلى ئېلىمىز ئەمدىلا « ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى پىلانى»نى يولغا قويدى، ئۈچ يىللىق پىلاننىڭ ئالدىدا، دۆلەت يەسلى مائارىپىغا مەبلەغ سالمىغان ئىدى، سالدى دېگەن دېگەندىمۇ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرگە سالغان ئىدى.
بۇنداق ئەمەلىيەت يەسلى مائارىپى دىپلومى ئالغۇچىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، مائارىپ سۈپىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، يەنە بەزى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئىجارىگە بېرىلىشى، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ يەسلىگە كىرىشىنى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇشىنى پەيدا قىلىپ، يەسلىگە كىرىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. تولۇقلىما سۈپىتىدىكى پۇقراۋىي يەسلىلەر ئۇزۇن مەزگىل دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، مال باھاسى ۋە ئىجارە ھەققىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، تىجارەت تەننەرخىمۇ كۈنسايىن ئۆستى، يەنە بەزى يەسلىلەر بەكلا پايدىنى كۆزلەپ، يۇقىرى ھەق ئېلىشنى تۈزەشتىكى قىيىنچىلىقنى چوڭايتىۋەتتى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار ئورگانلار يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى ھەق ئېلىشىنى تۈزەشنى سىستېما قۇرۇلۇشى قىلىپ، كۆپ خىل باشقۇرۇشنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئاۋۋال مالىيەدىكى مەبلەغ سېلىش كۈچىنى كۈچەيتىش لازىم، بۇنىڭ ھەردەرىجىلىك مالىيەنىڭ مەبلەغ قىممىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم، مەسىلەن «دۆلەتنىڭ (2010-يىلىدىن 2020-يىلىچىغىچە) ئوتتۇرا-ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى تېزىسى»دە: يەسلى مائارىپىدا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان، جەمئىيەتتىكى يەسلى ئاچقۇچىلار مەبلەغ سالىدىغان، ئائىلىلەر مۇۋاپىق يۈكنى ئۈستىگە ئالىدىغان سېلىنما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش بەلگىلەندى. ھۆكۈمەت قانچىلىك مەبلەغ سالسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا يەنىلا كونكرېت ئۆلچەم يوق.
مالىيەدىكى مەبلەغ سوممىسىنى ئېنىق بېكىتسە، ئاندىن بايلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى، يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن پەسەيتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈزۈلمە ئۇسۇلى ئارقىلىق يەسلى بالىلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يەسلىگە كىرىش تەس بولۇشتىن ساقلانغىلى، شۇنداقلا پۇقراۋىي يەسلىلەرنى يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى چەكلىگىلى بولىدۇ.
ئەرافات فوند جەمئىيىتى ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك...
ئامېرىكا نېپال كومپارتىيەسىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئۆ...
چىكاگودا مەكتەپ ئاپتوبوسى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ بەخىتكە ...
ئوباما ماشىنا ئەتىرىتى ھادىسىگە يۇلۇقۇپ موتسىكىلىتلىق ساقچ...
دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر «جىڭگاڭشەن» نومۇر...
نوكىيا 4 ديۇيىملىق Windows Phone 8 يانفونى «Flame» نى ئېلان قىلىشى مۇم...