ئامېرىكا نېپال كومپارتىيەسىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈردى

0 2012-09-11 10:44:54   يەرشارى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمەسى 6- سېنتەبر نېپالنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) نى يەر شارىدىكى «تېررورچى تەشكىلاتلار» قارا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمەسى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۈزۈل- كېسىل باھالاش ئارقىلىق، نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) نى ئەمدى يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىك سىياسىتىگە تەھدىت سالىدىغان ‹تېررورلۇق پائالىيىتى› بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى» ئېيتقان. ئەمما، «نېپال تېلېگراف گېزىتى» نىڭ 7- سېنتەبردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشچە، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) نى قەدەممۇ- قەدەم «ھىندىستان- ئامېرىكا ئوقى» غا يېقىنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ نېپالدىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. نېپالدىكى «ھىمالايا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: نېپال «تەرەپ تاللاش پونكىتى» ئەمەس، بەلكى «جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك» بولۇشى كېرەك.
نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) 2009- يىلىنىڭ بېشىدا نېپال كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) دىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. 1996- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى نېپال كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) 11 يىلغا يېقىن قوراللىق كۈرەش قوزغاپ، نېپالدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 2006- يىلى 11- ئايدا، ئەينى چاغدىكى نېپال يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى نېپال كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىچكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان. ئامېرىكا 2003- يىلى نېپال كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) نى يەر شارىدىكى «تېررورچى تەشكىلاتلار» قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2008- يىلى 4- ئايدا، نېپال كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى سايلىمىغا قاتنىشىپ، نېپالدىكى 1- چوڭ پارتىيە ئايلانغان. شۇ يىلى 8- ئايدا، بۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى بىلەن نېپال فېدېراتسىيەسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەن. نۆۋەتتە، نېپالدىكى ھەر قايسى پارتىيە- گۇرۇھلار ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتتە تىنچلىق مەزگىلىدىكى بىر ئاساسىي قانۇن چىقىرالمىغاچقا، نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) پارلامېنت ۋە ئەمەلىي ھوقۇق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قارانچۇق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە.
نېپال ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7- سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى شرېستخا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ يېڭى باش ئەلچىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نېپالغا بېرىش ھارپىسىدا، بۇ ئىش بەلكىم بىر ئاكتىپ سىگنال دەپ قارىلىشى مۇمكىن.» نېپال بىرلەشمە كومپارتىيەسى (ماۋزىدۇڭىزم) 7- سېنتەبر مۇنداق بىلدۈردى: مەزكۇر پارتىيە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博