بىل گايتىس قانداق پۇل خەجلەيدۇ؟

0 2012-09-10 11:05:24    رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

ئۇ ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ئاتلانغان، ئارقىدىن 20يىل سەرپ قىلىپ دۇنيادىكى 1-بايغا ئايلانغان، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىكى ئادەم دەپ تەرىپلىشىدۇ، دېمىسىمۇ ئۇ ئۇدا 12يىل دۇنيانىڭ 1-بېيى بولۇشتەك رىكورتنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ كىشى دەل مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس. ئۇنداقتا بىل گايتىسنىڭ قانداق پۇل خەجلەيدىغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

بىل گايتىسنىڭ پۇلىنى قانداق خەجلىشى توغرىسىدا كىشىلەر نۇرغۇن پەزەرلەرنى قىلىشقان، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق بىر ھىساپنى ئوتتۇرىغا قويغان: يەنى بىل گايتىسنىڭ بايلىقى بىلەن تەخمىنەن 31 ئالەم بوشلۇقى ئايروپىلانى ياكى 344 يولوچىلار ئايروپىلانى سېتىۋالغىلى، تىنانىك فىلىمىدىن 268نى ئىشلىگىلى، رولس رۇلىس ماركىلىق ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئىسىل پىكاپتىن ئون بەشنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنداقتا ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بىل گايتىس بىلەن ئايالى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ھەشەمەت ھىساپلىنىدىغان بايلىقى پەقەت 53مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كاتتا تۇرالغۇسىدىنلا ئىبارەت. يەنە كىلىپ بىل گايتىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كاتتا قورۇنىڭ ئىچكى بىزىلىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق ھەشەمەتچىلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن. بىل گايتىس نام قازىنىشتىن بۇرۇنلا، مەن تاپقان پۇللىرىمنى جايىدا خەجلەيمەن، بىر تەڭگە پۇلنىمۇ ئىسراپ قىلمايمەن دېگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىل گايتىس خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتلاندى، ھەتتا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مال-مۈلكىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلدى. ئىستاستىستىكا قىلىنىشىچە، بىل گايتىس ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا 29مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان. نۆۋەتتە، بىل گايتىس ئەر-خوتۇننىڭ نامىدىكى بىل ۋە مىلەندا گايتىس فوندى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەخسىي خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ فوندنىڭ كۆلىمى داڭلىق فۇت فوندىدىن ئۈچ ھەسسە، روكفىللىر فوندىدىن ئون ھەسسە چوڭ.

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، ئۇ لوندۇندا ئۆزىنىڭ 50ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: مىنىڭ نامىمدىكى بايلىق ماڭا نىسپەتەن زور ھوقۇق شۇنداقلا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بىرىدۇ. مەن بۇ بايلىقلارنى بالىلىرىمغا قالدۇرۇشنى ئەمەس، جەمئىيەتتە ئىئانە قىلىشنى ئويلاشتىم.

بىل گايتىس دۇنياغا ئەڭ داڭلىق باي بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بىرىدىغان باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كارخانىچى دەپ قارايدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى مونۇپۇل قىلىشقا تايىنىپ، كىچىك كارخانىلارنى ئەزدى دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئۇنى سىخىي ساخەۋەتچى دېسە، بەزىلەر ئۇ ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، پۇلىغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىمەكچى دەيدۇ، لىكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھازىرقى پائالىيەتلىرى يەنىلا كىشىنى قايىل قىلىدۇ. خۇددىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، سىز ئۇنى ياخشى كۆرىڭ ياكى ئۆچ بولۇڭ، يەنىلا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇسىز، چۈنكى بۇ دەل بىل گايتىسنىڭ سېھرى كۈچى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博