بۇقا ئوينىتىش پىروگىراممىسى 6 يىلدىن كىيىن ئىسپانىيە تىلۋىزىيە ئىكرانىدا پەيدا بولدى

0 2012-09-07 11:20:20   خەلىقئارا لىنىيەسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئاۋىستىرالىيە " كۈندىلىك تېلگىرامما گىزىتى" نىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە دۆلەتلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسىسى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە شىمالىي قىسىمدىكى شەھەر ۋاللادولىدتىكى بۇقا ئوينىتىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى تارقاتقان،تارقىتىش چەكلەنگىنىگە 6 يىل بولغان بۇقا ئوينىتىش مۇسابىقىسى ئاخىرى ئىسپانىيە تىلۋىزىيە ئىكرانىدا قايتىدىن پەيدا بولدى.

   ھايۋاناتلارنى ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ قارشى تۇرشى ۋە ئىقتىسادى كىرزىس قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇقا ئوينىتىشتىن ئىبارەت ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەنئەنىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانسىرى چىكىنىپ كەتكەن، ئىسپانىيەنىڭ شەرقي شىمالىي قىسمىدىكى كاتالان رايۇنىدا ھەتتا بۇقا ئوينىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. نۇرغۇن بۇقا ھەۋەسكارلىرى بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ بارا-بارا يۇقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن.

   تارقىتىش 6 يىلدىن بېرى چەكلىنىپ كىلىۋاتقان بۇقا ئوينىتىش پىروگىراممىسىنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېىلىپ تاشلىنىپ، بۇقا ھەۋەسكارلىرىنى ھاياجانلاندۇرىۋەتتى، ئۇلار نۆۋەتتىكى بۇقا ئوينىتىش مۇسابىقىسىنى كۈرىدىغان تاماشىبىنلار بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا تىلۋىزىيە ئىستانىسىسنىڭ بۇقا ئوينىتىش پىروگىراممىسىنى تارقىتىشى بۇقا ئوينىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قاراشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博