بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئالىكساندىر . بيكوۋ مەخسوس فوتوگراف ، رىژىسسور ، ئارتىس ۋە گىرىمچىك تەكلىپ قىلىپ ، ماشىنا ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانى ياسىغان . ئالىكساندىر قىز دوستى Irena Kolokov نى ماشىنا ھادىسىسى يۈز بەرگەندەك نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىپ ، قىز كەلگىچە " ئۇيۇن " نى باشلىغان .
ئەينى ۋاقىتتىكى نەق مەيداندا ئوت كەتكەن پىكاپ ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ، دوختۇرلار بار بولۇپ ، " باش پىرسۇناژ " ئالىكساندىر گىرىمچىك قىلغان قان رەڭدىكى گىرىم بىلەن يەردە ياتاتتى . ئالىكساندىرنىڭ قىز دوستىغا بىر قۇتقۇزۇش خادىمى تىلىفۇن قىلىپ ، ئوغۇل دوستى ئالىكساندىرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان . قىز دوستى نەق مەيدانغا كىلىپ قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ۋارقىراپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن . بىر قانچە مىنۇتتىن كىيىن ئالىكساندىر بىر دەستە گۈلنى كۈتىرىپ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن قانغا مىلەنگەن ھالەتتە چۈشۈپ ، Irena Kolokov توي قىلىش تەكلىۋى قويغان .
Irena يىلىنا بۇ ئىشتىن كىيىن ،" دەسلەپ بەش مىنۇتتا مەن ئالىكساندىرنى ئۆلتۈۋەتكۈم كەلگەن ، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى مېنى بەكلا خاپا قىلدى " دىدى . بىراق يىلىنا يەنىلا ئالىكساندىرنىڭ بۇ توي تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ ، توي قىلىشقا پۈتۈشتى .