رۇسىيەلىك ئەر ئۆيىدە 26 ئايالنىڭ جەسىتىنى ساقلىغان

0 2012-08-31 11:52:54   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

          ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيەدە پۈتۈن دۆلەتنى لەرزىگە سالىدىغان غەلىتە بىر ئىش يۈز بەرگەن ـــ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسىگە ئىگە دەپ قارالغان بىر تالانتلىق ئەر ئۆيىدە 26 ئايالنىڭ جەسىتىنى ساقلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۇ قورچاقتەك ياساندۇرۇپ قويغان.

  Anatoly Moskvina ئىسىملىك بۇ ئەر بۇ يىل 45 ياش بولۇپ، رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى ئاستىن نوۋگورد شەھىرىدە ئۆزى يالغۇز ياشايدىكەن. ئۇ بىر مۇخبىر بولۇپلا قالماي، يەنە بىلىمى مول بىر تارىخشۇناس ئىكەن، 13 دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىدىكەن، ئۇزاق مەزگىل يەرلىكتىكى مۇزېيدا كىشىلەرگە تارىخىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرگەن ئىكەن. قوشنىلىرى ۋە ئىشداشلىرى ئۇنى مول بىلىمگە ئىگە يۇقىرى ئەقلىي قابىلىيەتلىك تالانت ئىگىسى دەپ بەس-بەستە تەرىپلىگەن.

  بىراق يېقىندا ئاتا-ئانىسى تۇيۇقسىز ئۇنى يوقلاپ بارغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ جەسەتكە توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. موسكۋىنانىڭ غەلىتە «ھەۋەس»ى شۇنىڭ بىلەن خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلانغان. ئاخىرىدا، ساقچىلار ئۇنىڭ تار ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىدىن 15~26 ياش ئەتراپىدىكى 26 ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپقان، ئۇ بۇ جەسەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تۈرلۈك قىياپەتتە «ياساپ» قويغان، ھەتتا پۇتىغا پايپاق، ئۇچىسىغا كۆينەك كىيگۈزۈپ قويغان ئىكەن.

  ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، موسكۋىنا كېچىدە رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى 750 نەچچە قەبرىگە ئوغرىلىقچە بېرىپ، بۇ ئايال جەسەتلەرنى «ئىنچىكە تاللاپ» ئەكەلگەن ئىكەن. دەسلەپكى سوراقتىن كېيىن، ساقچىلار موسكۋىنانى قويۇۋەتكەن. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنڭ زادى قاچان باشلانغانلىقى، نېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، قانداق ئەرز-دەۋاغا دۇچ كېلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博