جۇڭگو ئاخبارا تورى 29-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28- ئاۋغۇست لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فاۋزى ئابدۇللا ئەلى 26-ئاۋغۇست خەلق پارلامېنتى ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرغان ئىستىپانامىسىنى قايتۇرۋالىدىغانلىنى جاكارلىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىستىپانامە تاپشۇرۇشۇم بىلەن ئىشلارنى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان ئىدىم ، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا ئىستىپا بېرىش خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۇۋېتىدىكەن ، شۇڭا ئىستىپانامەمنى قايتۇرۋېلىشنى قارار قىلدىم.
ئىگىلىنىشىچە ، لىۋىيە خەلق پارلامېنتى يېقىندا نۇرغۇن قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، خەلق پارلامېنتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى لىۋىيەنىڭ ناچارلىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىن پارلامېنت ئەزالىرى لايىھە تاپشۇرۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئەلى 26-ئاۋغۇست، تېلېۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنۇلارنى دېگەن: مەن بۈگۈن ئەتىگەن لىۋىيە خەلق پارلامېنتى رەئىسى مۇھەممەد ماجيالىيۋ ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى كەيبوغا ئىستىپانامە تاپشۇردۇم. لېكىن، لىۋىيە خەلق پارلامېنتى باياناتچىسى ئۆمەر 26-ئاۋغۇست ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلق پارلامېنتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىنىڭ رەسمىي ئىستىپا بېرىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۋالمىدۇق، دېدى.
مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە، لىۋىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە لىۋىيەدىكى 2-چوڭ شەھەر بېنغازىدىكى ھەربىي ئىشلار ئاخبارات باشقارمىسى، پايتەخت ترىپولىنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق جايلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىستىپانامەسىنى قايتۇرۋالىد...
رۇمنېي پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئاياللارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ»، ئو...
گىگانىت قوڭغۇز ماشىنا ئادەم ياپونىيە سىتوكۇبا مۇزىكا بايرى...
ئافغانىستاندا سېرىك ئويۇنى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈز...
يېرىمدىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئوبامانى سايلامدا يېڭىپ چىقىدۇ دە...
گېرمانىيەلىك ئەر-ئايال 37 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ چەۋەندازلار ...