يېرىمدىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئوبامانى سايلامدا يېڭىپ چىقىدۇ دەپ قارايدىكەن

0 2012-08-30 11:12:02   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا 27-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمدىن كۆپ ئامېرىكىلىق ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىپ چىقىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. بۇ قېتىمقى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە يەنە ئوبامانىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ رومنىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرىلىقى كۆرسىتىلگەن. ئوبامانىڭ %86 قوللىغۇچىسى: ئوباما يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتەيدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئوبامانىڭ %9 قوللىغۇچىسى ئۇنى مەغلۇب بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. رومنىنىڭ %65 قوللىغۇچىسى ئۇنى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىپ چىقىدۇ دەپ پەزەر قىلغان، %28 قوللىغۇچىسى ئۇنى مەغلۇب بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 27-ئاۋغۇست فلورىدا شتاتىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى تامپا شەھىرىدە ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا رومنىي بىلەن رېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بۇ يىل ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق نامزاتلىقىغا رەسمىي كۆرسىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن زۇڭتۇڭلۇق سايلىمى رىقابىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博