ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى سانجوسىدىكى فېدېراتسىيە يەرلىك سوتىنىڭ زاستاتىللار ئۆمىكى ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ پاتېنىت دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، سامسۇڭ شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان دەپ بېكىتتى، شۇنداقلا سامسۇڭ شىركىتىدىن ئالما شىركىتىگە 1 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن ئالتە مىليارد 650 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى.
كېسىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %2 ئۆرلىدى، ۋال كوچىسى گېزىتى قاتارلىق ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى، بۇ كېسىم نەتىجىسى ئالما شىركىتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك غەلبە دېدى.