8-ئاينىڭ 28-كۈنى،كورىيە جىجۇۋ شىگۇيفۇغا يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز رايونىدا لەيلەپ يۈرگەن ئىككى جۇڭگولۇق بېلىقچىلار كېمىسى سەھەر سائەت 1:40 لار ئەتراپىدا تەيفىڭ بورىنى <بۇلاۋان>نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن.ئىككى بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ ھەربىرىدە 17 كېمە خادىمى بولۇپ،31 ئادەم يوقاپ كەتكەن.قالغان 3 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى قۇتقۇزۇۋېلىنغان،قالغان ئىككى ئادەم جىجۇۋ ئارىلىغا چىقىۋالغان،بىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ،كورىيە دېڭىز ساقچى تەرەپ جۇڭگونىڭ جىجۇۋ ئارىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان.