تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمىستىراڭ 82 يېشىدا ۋاپات بولدى

0 2012-08-28 10:25:40   جۇڭشىن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

 

   دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى،ئامېرىكىلىق نېل.ئارمىستىراڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ئاۋغۇسىت 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،ئارمىستىراڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن كېسىلى قوزغالغان،ئارمىستىراڭنىڭ دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،لېكىن ئۇنىڭ جان ئۈزگەن ئورنىنى ئاشكارلىمىغان.

   ئارمىستىراڭ ئوخېئو شىتاتىدىكى ۋوپاكناتادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ،ئايروپىلان ۋە ئۇچۇشقا ناھايىتى قىزىققان.1962-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى پىلانىغا قاتناشقان،1967-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى <ئاپولو 11-نومۇر> لۇق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئاي شارىغا چىقىپ،ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئادەم بولۇپ قالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博