جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ئاۋغۇست خەۋىرى : ھىندىستان كالالا ئۆلكىسىدە 33 ياشلىق شاخناز ئىسىملىك بىر ئايال 11 يىلدا ئاز دىگەندە 15 قېتىم توي قىلىپ ، ھازىرغىچە 7 ئەر ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ، پۇللىرىنى ئالداپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ؛ ساقچىلار ھازىر بۇ ئايالنى تۇتتى ؛
شاخناز بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن بولۇپ ، سىدىق ئىسىملىك بىرى بىلەن تۇنجى قېتىم توينى قىلىپ ، بىر ئوغۇل تۇغقان ؛ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ توختىماي توي قىلىپ ، ئەرلەرنىڭ پۇلىنى ئالداپ قېچىپ كىتىشكە باشلىغان ؛ تاكى شاخناز تەرىپىدىن ئالدانغان ئىككى ئەر ساقچى ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلىپ ، شاخناز تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئېيتقاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئايالنىڭ " ئەپتى - بەشىرىسى " ئاشكارلانغان ؛
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇ يالغان توي قىلىپ ئالدامچلىق قىلىش قېتىم سانى 50 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ 15 قېتىم توي قىلغانلىقى ئىسپاتلاندى ، بۇنىڭ ئىچىدە 7 ئادەم ئۆزىنىڭ شاخناز تەرىپىدىن مال دۇنياسىنىڭ ئالدانغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇندى ؛
تۇنجى قېتىم بۇ ئايالنى ساقچى ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلغان ئەرنىڭ ئىسمى مانىكاندان بولۇپ ، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى تۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى ؛ مانىكانداننىڭ دىيىشىچە ، شاخناز تىلىفۇندا ئۆزىنىڭ يىتىم قىز ئىكەنلىكىنى ، مانداراس يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچىسى ئىكەنلىكىنى ، يەنە ئۆزىنىڭ مەمورىلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى ئويى بارلىقىنى ئېيتقان ؛ بۇ ئىككىسى مانىكانداننىڭ ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپلا توي قىلغان ،
توي قىلىپ ئىككى ئايدىن كىيىن شاخناز مەمورىلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشنى باھانە قىلىپ مىھمانخانىدا تېنىچ ئۆگىنىش قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيىدىن مانىكاندان تويىدا ئېلىپ بەرگەن زىببۇ - زىننەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ؛ شۇ كەتكەنچە 2 ھەپتىگىچە خەۋىرى بولمىغاندا مانىكاندان ساقچى ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلغان ؛
يەنە بىر دىلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسمى پارسانا بولۇپ ، پۇتبول تەنھەركەتچىسى ، ئۇ ئۆزىنىڭ شاخناز بىلەن بىر قانچە يىل بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغىمۇ مەمۇرىلىق ئىمتىھانى بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش باھانىسى بىلەن چىقىپ كىتىپ ئىككىنچى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ، ئۇ ئۆيدىن كىتىشتىن بۇرۇن ئۆيىدىكى بارلىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ساقچى ئىدارىسىگەكىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان ؛
ساقچىلار شاخنازنى تۇتقاندا ئۇنىڭ باشقا جىنايەت قىلىمىشى بىلەن شوغۇللانغانلىقىدىن گۇمان قىلغان ؛
ھىندىستاندا بىرئايال 11 يىلدا 15 قېتىم يالغان توي قىلىپ ئەرلە...
77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل جازا ھۈكۈمىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ ق...
چېچىنيەدىكى باندىتلار ئاتامانىنىڭ ئوغلى سۇرىيەدە قازا قىلد...
كورىيە سوت مەھكىمىسى‹‹ ئالما سامسۇڭنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇ...
قاتارنىڭ زۇڭلىسى نيويۇركتىن 300 مىليون خەجلەپ داچا سېتىۋالدى
54 ياشلىق ئايال پۇتىغا گۈل چەكتۈرۈپ تاس قالدى بىر پۇتىدىن ئاي...
ئوكرائىنادىكى ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامالنى سۈيۈپ ئويغۇتۇپ ئەم...