ئىراقتا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 8 ساقچى ئەسكەر قازا قىلدى

0 2012-08-29 11:19:12   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ئاۋغۇست تىلىگراممىسى . چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ، ئىراقتا 26- ئاۋغۇست كۆپ قىسىم جايلىرىغا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 8 ساقچى ۋە ئەسكەر قازا قىلغان ؛

  ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ، كۆپلىگەن قۇراللىق ئۇنسۇر 26- ئاۋغۇست ئەتىگەن باغداتنىڭ شىئە مەزھىپى مەھەلىسىدە چارلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان ؛ بۇ ۋەقەدە 2 ساقچى قازا قىلغان بىر ئادەم يارلانغان ؛

 بىر قانچە سائەتتىن كىيىن ، باغداتنىڭ شەرقىدىكى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىدا 3 قوغداش خادىمى قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ؛

  يەنە شۇ كۈنى ئەنبار ئۆلكىسىدە چارلاش خىزمىتى قىلىۋاتقان 3 ساقچى قۇراللىق ئونسۇرلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ؛

   ئىگىلىنىشچە ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ئىراق ئەمەلدارلىرى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ ، 8 - ئاي كىرگەندىن بۇيان بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى توختاپ قالغىنى يوق ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博