يەرلىك ۋاقىت9 - ئاينىڭ 3 -كۈنى، تايلاند باڭكوك ، قىزىل كالا ئىنىرگىيە ئىچىملىكىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈشوۋبىياۋنىڭ نەۋرىسى Vorayuth Yoovidhya ، بىر فالالى ئاپتوموبىلى بىلەن ھادىسە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن. قېتىندا قولغا ئېلىنغان. ۋەقە تۇغدۇرغۇچى بىر ساقچىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋە جەسسىتىنى 10 مىتېرغىچە سۆرىگەن. ۋە باڭكوكتىكى بىر كوچا ئىغىزىغا تاشلاپ قويۇپ كارى بولمىغان.
باڭكوكتىكى مەلۇم بىر ئالاھىدە ساقچى باشلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە: "بەزى كىشىلەر بۇ ۋەقەنى باشتۇرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۆزەم بىر قوللۇق بۇ ۋەقەنى تەكشۈرىمەن، بىزنىڭ بىر ساقچىمىز ۋاپات بولدى. بۇنىڭغا شۇنداق قاراپ تۇرساق بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ قانداق ئەمىلى بولىشى بىلەن كارىم يوق، مەن چوقۇم ۋەقە تۇغدۇرغۇچى، شۇ قېچىپ كەتكۈچىنى چوقۇم قانۇن تورىغا چۈشۈرىمەن ." دىگەن.
ساقچىلار ماشىنا ئىزىنى بويلاپ چارلاش ئېلىپ بارغان ۋە باڭكوكتىكى مەلۇم بىر بايلار مەھەلىسىدىن ۋۇلايۈنى قولغا چۈشۈرگەن. شۇنداقلا ئۇنى ماشىنا ھادىسى چىقىرىپ، قىچىپ كەتكەن جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
تايلاد <ئچىملىك پادىشاھى>، <ئىنىرگىيە ئىچىملىق ئاتىسى> شۈشوۋبىياۋ 3 -ئايدا باڭكوكتا ۋاپات بولغان. شۇ چاغدا ئۇ 90 ياشقا كىرگەنكەن. 1966 - يىلى باڭكوكتا <قىزىل كالا> شىركىتىنى قۇرغان