دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئەر بىلەن ئەڭ پاكار ئايال يۈز كۆرۈشتى

0 2012-09-06 11:50:13   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئەر --72ياشلىق نېپاللق بوۋاي ( Chandra Bahadur Dangi)بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئايال-- ھىندىستانلىق 18ياشلىق قىزچاق (Jyothi Amage) يېقىندا ئىتالىيىدە تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى،بۇ ئىككى ئادەم بىرلىكتە 2013-يىللىق نەشىردىن چىقىدىغان (دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسى)نىڭ57-سانىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن رەسىمگە چۈشتى.

  ئىگىلىنىشچە،بويىنىڭ ئېگىزلىكى 24.7ديۇيم(تەخمىنەن62.7سانتىمېتىر) كېلىدىغان ھىندىستانلىق قىزچاق ئاماچ 2011-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكار ئايال دەپ باھالانغان،ئۇ كۆمۈرچەك تولۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىگە ەىرىپتار بولغان بولۇپ،ھازىرقى بويى ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز بويى چېكى ئىكەن.18ياشلىق ئاماچ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ،باۋلەيۋۇنىڭ داڭلىق ئايال ئارتىسى بولغۇسى بارلىقىنى ئېيىتقان.

نېپاللق بوۋاي تاڭجىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 21.5 ديۇيم(54.6سانتىمېتېر) بولۇپ 2012-يېلى دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئەر دەپ باھالانغان،ئۇ 1997-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بوي ئېگىزلىكى 22.5ديۇيم (57.1سانتىمېتىر)كېلىدىغان Gul Mohammedنىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان

تاڭجىنىڭ دىيىشىچە ئۇ بۇ قېتىمقى باھالىنىشتىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولۇپ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە،يېزىسىغا شان -شەرەپ ئېلىپ كەلگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博