قاتناش بانكىسى باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ يېقىندا ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەپلىك ، قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆي - مۈلۈك كەسپى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ، نۆۋەتتە ئۆي باھاسى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى . ئەگەر كېلەر يىلى سېتىشنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ قالسا ، ئۆي باھاسىدا ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك ئۆرلەش كۆرۈلىشى مۇمكىن .
ليەن پىڭ 31-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 12- قېتىملىق "قاتناش بانكىسى جۇڭگو بايلىق مەمۇرچىلىق كۆرسەتكۈچى دوكلاتى" دا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان باھا ئارقىلىق ساننى قولغا كەلتۈرۈش سېتىشنى تېزلىتىش تۈزۈلمىسى ئارقىلىق ، كۆپلىگەن تاۋار ئۆي سودىسىنىڭ مەبلەغ جىددىيچىلىكى روشەن پەسەيدى ، تاۋار ئۆي سودىگەرلىرىمۇ قايتىدىن ئىشەنچكە تولدى . تاۋار ئۆي كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى دوكلاتىدىن قارىغاندا ، نەق پۇل ئېقىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى تاۋار ئۆي كارخانىلىرىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ھەم كېلەر يېرىم يىللىق ئۆي باھا يۆنىلىشى ۋە يەر-زېمىن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ليەن پىڭ ئالدىن مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئۆي - مۈلۈك كەسپىنىڭ كونترول قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەت تەدبىرلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن . سېتىۋىلىشنى چەكلەش ، قەرز بېرىشنى چەكلەش سىياسىتى ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى قوللىنىلغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ، بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇرۇلمىسى شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۆي بېجىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
ئۆي باھاسى ھازىر ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇپ ، يېقىن كەلگۈسىدە ...
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تەڭگىسى يۇقىرى باھادا سېت...
بىر ئائىلىدىكى بەش ئاكا -سېڭىل بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈز...
مىسىردا تۇنجى قېتىم ياغلىق ئورىغان ئايال رىياسەتچى تىلۋىزو...
ئۈرۈمچىدىكى كۆرگەزمىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارغ...