2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە نەنجىڭ يەنزىجىجىياڭ بويىدىكى يولدا بىر0 3نەچچە ياشلاردىكى ئەر 80نەچچە ياشلىق ئاپىسىنى قاتتىق ئۇرغان،ئۇ ئاپىسىنى بىر تەرەپتىن قاتتىق ئۇرۇپ بىر تەرەپتىن 500مېتىر ئارلىققا سۆرىگەن.يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى چىداپ تۇرالمىغان ،ئاچچىقلانغان ماشىنا ھەيدىگەن بىر ئەر ماشىنىسىدىن چۈشۈپ بۇ ئەرنى قاتتىق ئۇرغان.بۇ ئەر ئەتراپتىكىلەرگە ۋارقىراپ <مەن ئۆزەمنىڭ ئاپىسىنى ئۇردۇم ،سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار>دېگەن،باشقا شەھەر ئاھالىلىرى موماينى يۆلەپ تۇرغۇزغان،ئەڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى ھەم كىشىنى چۆچىتىدىغىنى موماينىڭ پۈتۈن بەدىنى يارا ئىكەن.110ساقچىلىرى ناھايىتى تېز كېلىپ بۇ موماينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان ،ئاپىسىنى ئۇرغان ئەرنى ساقچىخانىغا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان.
ئىگىلنىشچە بۇ ئەر ئاچا-ئۇكا تۆت بالا بولۇپ پەقەت ئۆزىلا ئاپىسىنى باقىدىكەن،ھەم ئازراق ھاراق ئىچىۋالغاچقا ئويلىغانسېرى ئاچچىقلىنىپ ،ئاخىرىدا ئاپىسىنى ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارغان.
شەھەر ئاھالىسى مومايدىن ھال سورىماقتا