2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ، ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن « جۇڭگو – چەتئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى» ۋە ئالتە دۆلەتنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى داغدۇغۇلۇق باشلاندى. يىغىنغا، دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ جىجىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت رىياسەتچىلىك قىلدى.


« جۇڭگو – چەتئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى» بولسا، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو ، ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. « كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» نىڭ مەزمۇنلىرى مول بولۇپ، كۆرگەزمىگە قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلغان ھەم شىنجاڭ ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنىڭ سەر خىل ئويۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا روسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان، قىرغىغىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 6 دۆلەتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېسىل گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 80 پارچە ئەسەر قويۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ، ياۋرۇپانىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى بۇ يەرگە توپلانغان. بۇ خىل كۆرگەزمە ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ئۆزئارا دوستلۇقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ئورتاق ھالدا ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى ئاسراش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاسىيا، ياۋرۇپا رايونلىرىنىڭ تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىدۇ.


دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ جىجىن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « جۇڭگو – چەتئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو ، ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەخسۇس تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆرگەزمىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللەنگەن گۈزەل مەنزىرىسى ھەم شىنجاڭ بىلەن ئاسىيا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە، 1- قېتىملىق جۇڭگو ئاسىيا ، ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زور ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ سەۋىيىسى سۈپەت ، كۆلەم جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ھالدا، «جۇڭگو، چەتئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى»نىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ رەڭدار ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، « جۇڭگو، چەتئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» بۇ قېتىمقى جۇڭگو ، ئاسىيا، ياۋرۇپا يەرمەنكىسى ھەم شىنجاڭنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى پارلاق نۇقتىسى ۋە مۇھىم سەھنىسى بولۇپ قالغۇسى.

چەتئەللىك مېھمانلار كۆرگەزمىدە
ھەمبەھىرلىنىڭ