تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى ئىچكى ئالاقە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى%70تىن ئاشتى

0 2012-08-31 10:47:54   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئومۇمىي سوممىسى 185 مىليارد يۈەنلىك 178 ئىچكى ئالاقە تۈر توختامى ئىمزالانغان بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن تۈر 126 گە، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %70.79 كە يەتكەن، قالغان تۈرلەر ئالدىنقى قارارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىۋېتىپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەدجان ئابلانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئىچكى ئالاقە تۈر توختامى ئىمزالىغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ يېرىمى توختامغا ئەمەل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توختامغا ئەمەل قىلىش نىسبىتى %100كە يەتكەن، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ توختامغا ئەمەل قىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشقان.

ئەمەلىيلەشكەن 126 ئىچكى ئالاقە تۈرى ئىچىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى كارخانىلار (مەركەز كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 79 تۈرنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %62.7 بولغان؛ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 13 مىليارد 995 مىليون يۈەن بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %41.47 ىنى ئىگىلىگەن. بېيجىڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر توختامغا ئەمەل قىلىش ۋە مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博