ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا تەدبىر بەلگىلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدىكى ياتاق باھاسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تارقاتقان «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ 2012 - يىللىق جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدىكى ياتاق باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق بەلگىلەندى: 25 - ئاۋغۇستتىن 5 - سېنتەبىرگىچە جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسى پىرىنسىپ جەھەتتە بۇ يىل 7 - ئايدىكى ئەمەلىي باھادىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ. ھەمكارلاشقان ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ مېھمانلارغا ياتاق بۇ يىل 7 - ئايدىكى ئېتىبار باھا بويىچە بېرىلىدۇ.