ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا 278 مەمۇر ئاشكارا تاللىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ

0 2012-08-23 11:28:52   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 

ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن مەمۇرلارنى تەربىيەلەش - تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەمۇرلار قوشۇنى مەنبەسى ۋە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2011 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلار تۇنجى قېتىم مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ قوبۇل قىلغانىدى. بۇ يىلمۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى داۋاملىق تەشكىللىك ئىشلىنىدىكەن.

بۇ يىل ئاشكارا تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

بىرىنچى، تاللاپ قوبۇل قىلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون ۋىلايەت (ئوبلاست)، شەھەر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلارغا يۈزلىنىپ 278 مەمۇرنى ئاشكارا تاللاپ قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 45 ئورگانغا چېتىلىدۇ. بۇ يىل بىڭتۈەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى تاللاپ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، «بىڭتۈەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەمۇرلار تىزىملاتسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.

ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ، خىزمەت ئورنى شەرتلىرى ئىلمىي بېكىتىلدى. بۇ يىل مەمۇرلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىدىغان ئورگانلار تاللاپ قوبۇل قىلىنىشنىڭ شەرتىنى كەڭ قويۇۋەتتى، تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپە شەرتى «مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر بولىدۇ، ئوقۇش تارىخى تولۇق كۇرس ئاساس قىلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى تەلىپى قىسقارتىلدى، %70  خىزمەت ئورنىنىڭ ياش شەرتى 35 ياشتىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلدى.

ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، سىياسەت ئاساسىي قاتلامدىكى مۇنەۋۋەر مەمۇرلارغا مايىللاشتۇرۇلدى.  ئاساسىي قاتلامنىڭ  بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر مەمۇرلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، «ھازىر يېزا، بازار(كوچا باشقارمىسى)لاردا ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشتاتلىق ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان، شۇنداقلا يېقىنقى ئۈچ يىلدا يېزا، بازار(كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ يىللىق مەمۇرلارنى باھالىشىدا مۇنەۋۋەر بولغانلار ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسا، يازما ئىمتىھان نەتىجىسىگە بەش نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.

تۆتىنچى، تاللاپ قوبۇل قىلىشتا «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»كە، يەنى ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنى ئۆستۈرۈش، توغرا تاللاش، جايىدا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ۋە ئۆزى ئىختىيار قىلىش بىلەن تەشكىل تونۇشتۇرۇشتا، يازما ئىمتىھان بىلەن يۈزتۇرا ئىمتىھاننى، ئىمتىھان ئېلىش بىلەن تەكشۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ.

بەشىنچى، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، توغرا كەيپىيات، دۇرۇس ئىستىللىق ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ. تاللاپ قوبۇل قىلىش سىياسىتى، تەرتىپى، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشتا جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئاڭلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئاشكارا تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئورگانلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى ، http://www.xjkunlun.com ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn) دا 23 - ئاۋغۇست تاللاپ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورنى جەدۋىلى ئېلان قىلىنىدۇ، 24 - ئاۋغۇست تىزىملىتىش خىزمىتى باشلىنىدۇ. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博