ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 - يىللىق سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سىناق خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەتتىن نىشانلىق 221 ئاساسىي قاتلام سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، نىشانلىق خادىم قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئىكەن. قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش سىناق نۇقتا خىزمىتىدە ئوقۇشقا كىرىش تەلىم - تەربىيە ئىمتىھانى بىلەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تۇتاش ئىمتىھان شەكلى قوللىنىلىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇشتا نىشانلىق بولۇش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە بىردەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى باشلىنىدىكەن، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئوقۇشقا كىرىش تەلىم - تەربىيە ئىمتىھانى ئېلىنىدىكەن. كۇرسانتلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدىكەن، ئۇلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولۇپ نىشانلىق ئورۇنلارغا بارغان كۇرسانتلار «يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنى سىناپ ئىشلىتىش چارىسى(سىناق)» بويىچە باشقۇرۇلىدىكەن. سىناق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نىشانلىق ئورۇنلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانتلارنىڭ خىزمەت مۇددىتى بەش يىل، تولۇق كۇرستا ئوقۇغانلارنىڭ يەتتە يىل، مەخسۇس كۇرستا ئوقۇغانلارنىڭ توققۇز يىل بولىدىكەن.
ئاۋىستىرالىيەدە 12 ئادەم بىرلىكتە ئىشتىنىنى سېلىپ تەرەت تۇڭ...
شەرقىي شىماللىق قىزچاق يۈۋېنشىيا 2012-يىللىق دۇنيا گۈزىلى بول...
تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ئەتراپىدا ...
يېڭى زېلاندىيەلىك 3 نەپەر ئەسكەر ئافغانىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچر...
ماندىلانىڭ كېلىنى تالاغا قاراپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆيدىن قوغ...