قىسقىغىنە 6 مىنۇت ئىچىدە كېرىيە ناھىيەسىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەردى

0 2012-08-14 10:34:17   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

 

    شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تور بېكىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 12-ئاۋغۇست، سائەت 18 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەرۋىگەن ۋە تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 30 كىلومېتىر بولغان، سائەت 18 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ، كېرىيە ناھىيەسى بىلەن شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالى رايونى ئۆز ئارا كېسىشكەن جايىدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن ۋە تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 9 كىلومېتىر بولغان ، سائەت 18 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىيە ناھىيەسىدە يەنە بىر قېتىم  3 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، قىسقىغىنە 6 مىنۇت ئىچىدە كېرىيە ناھىيەسىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق شتابى دەرھال « يەر تەۋرەش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى » قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە ، خوتەن ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى ۋە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى.

ھازىر، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا.

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博