ئاپتونوم رايون 45 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش›› ۋە‹‹شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش››نىڭ يانداش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوللىدى

0 2012-08-24 10:35:09   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
           ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل قۇمۇل ۋىلايىتى ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 45 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ئۈچ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ئۈچ سۇ ئامبىرى ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش››،‹‹شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش››ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى يانداش قۇرۇلۇشلار ئىكەن.

ياسىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ ئۈچ سۇ ئامبىرى:قۇمۇل شەھىرى ئەڭلەرغول سۇ ئامبىرى،ئاراتۈرۈك ناھىيە بۇرالىق غول سۇ ئامبىرى،بارىكۆل ناھىيەسى مۇڭغۇل غول جىلغىسى سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت. قۇمۇل شەھىرى ئەڭلەرغول سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 94مىليون 360مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن جەمئىي 20 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلگەن؛ ئاراتۈرۈك ناھىيە بۇرالىق غول سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 113مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 20 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلگەن؛بارىكۆل ناھىيە مۇڭغۇل غول جىلغىسى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 125مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن جەمئىي 5 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغى نەقلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان بولۇپ، بۇ سۇ ئامبارلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كۆمۈر ئېلېكتىر بازىلىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博