ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى كېلىنتون جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ

0 2012-08-31 12:01:57   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       خەلق تورىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگىتوندىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 28-ئاۋغۇست دۆلەت كاتىپى ھىلارى كېلىنتوننىڭ 30-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كۇك تاقىم ئاراللىرى (يېڭى زىنلاندىيە)، ھىندۇنىزىيە، جۇڭگو، شەرقىي تىمور، بىرۇنېي، رۇسىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ھىلارى كېلىنتون 31-ئاۋغۇست جەنۇبىي تىنىچ ئوكيان دۆلىتى كۇك تاقىم ئارىلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان 43-نۆۋەتلىك تىنىچ ئوكيان ئارال دۆلىتى مۇنبىرى رەھبەرلەر چاتما يىغىنىدىن كېيىنكى سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ.» باياناتتا بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن تىنىچ ئوكيان ئارال دۆلىتىنىڭ «ئۇچرىشىشىنى كۈچەيتىش» ۋە «داۋاملىق ھەمكارلىشىش» تىرىشچانلىقىنىڭ تەركىبىي قىسىمى ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد، ئەل ئارا ئالماشتۇرۇش، ئىسىتىراتېگىيە، مۇھىت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تىنىچ ئوكيان ئارال دۆلىتى بىلەن بولغان «چوڭقۇر ۋە كەڭ» ئۇچرىشىشنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن،

  باياتانتا مۇنداق دېيىلگەن :« 4-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە، جۇڭگودىكى زىيارەت جەريانىدا ھىلارى كېلىنتون جۇڭگو بىلەن ‹جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىر قەدەر مۇھىم مەسىلىلەر› ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى، باشقا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان كۆپ تەرەپلىك يىغىنلار ۋە ئىككى تەرەپ، رايونلار ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ‹ھەمكارلىق شېرىك مۇناسىۋىتى›نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تەركىبىي قىسىمى».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博