مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 28-ئاۋغۇست چىقىرىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپ مىزانىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش تەلەپ قىلىندى.
30 ماددىلىق بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەسلىلەرگە قارىتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «باشلانغۇچلاشتۇرۇش» خاھىشىنى تىزگىنلەپ، «خۇشال ياشاش، خۇشال ئۆسۈپ-يېتىلىش» پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش كېرەك. بېقىش-تەربىيەلەش ھەققىدىن باشقا، تەجرىبە سىنىپى، ئالاھىدە سىنىپ، ھەۋەس سىنىپى، دەرستىن كېيىنكى تەربىيەلەش سىنىپى ۋە ئاتا-ئانا-بالىلار سىنىپى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئالاھىدە تەربىيەلەشنى باھانە قىلىپ ئاتا-ئانىلاردىن ھەق ئېلىشقا، ئاتا-ئانىلاردىن ھەرقانداق نام بىلەن يەسلىگە كىرىشكە ئالاقىدار ياردەم پۇلى، ئىئانە پۇلى، قۇرۇلۇش پۇلى، مائارىپ تەننەرخ تولۇقلىما خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئېلىشقا، ئاتا-ئانىلاردىن بالىلار دەرسلىكلىرى، ئوقۇشلۇقلىرى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىمتىھان، تەكشۈرۈش، سىناش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى تاللاشقا بولمايدۇ، ئوقۇشقا كىرىشكە باغلىنىشلىق تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئېچىش مەنئىي قىلىنىدۇ، «ئولىمپىك ماتېماتىكىسى» قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىم-پەن مۇسابىقىلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى باھالاشنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش بىلەن باغلىۋالىدىغان قىلمىشلار قەتئىي چەكلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نام بىلەن مەكتەپكە كىرىشكە باغلىنىشلىق ئىئانە، ياردەم پۇلى ئېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
گىگانىت قوڭغۇز ماشىنا ئادەم ياپونىيە سىتوكۇبا مۇزىكا بايرى...
ئافغانىستاندا سېرىك ئويۇنى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈز...
يېرىمدىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئوبامانى سايلامدا يېڭىپ چىقىدۇ دە...
گېرمانىيەلىك ئەر-ئايال 37 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ چەۋەندازلار ...
سىچۈەن ئېمېيشەن شەھىرىدە بىر بولكىۋاي بىلەن يۈك ماشىنىسى ئۆ...
شىنجاڭ مىللىي كىيىم-كېچەك،مىللىي چالغۇلار كۆرگەزمىسى شىياڭ...