جۇڭگونىڭ كورىيەنىڭ جېجۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارى تۈنۈگۈن كەچ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: جېجۇ دېڭىز ساقچىلىرى جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ خادا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان يەنە ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. ھازىرغىچە، بۇ خادا تاش ۋەقەسىدە 18 كىشى قۇتقۇزىۋېلىندى، 8 كىشى قازا قىلدى، باشقا 7 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى.
جۇڭگونىڭ جېجۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: جېجۇ ئارىلىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تەيفىڭ بورىنى ئۆتۈپ كەتتى، ھاۋادا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، جېجۇ دېڭىز ساقچىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتماقتا ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدىمەكتە، ئاندا-ساندا كۆرۈلىدىغان چوڭ دولقۇن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
جاڭ شىن مۇنداق دېدى: قۇتقۇزىۋېلىنغان كېمە خادىملىرى سېگۋىپو شەھىرى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئارىسىدىكى بەش يارىدار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
گىگانىت قوڭغۇز ماشىنا ئادەم ياپونىيە سىتوكۇبا مۇزىكا بايرى...
ئافغانىستاندا سېرىك ئويۇنى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈز...
يېرىمدىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئوبامانى سايلامدا يېڭىپ چىقىدۇ دە...
گېرمانىيەلىك ئەر-ئايال 37 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ چەۋەندازلار ...
سىچۈەن ئېمېيشەن شەھىرىدە بىر بولكىۋاي بىلەن يۈك ماشىنىسى ئۆ...
شىنجاڭ مىللىي كىيىم-كېچەك،مىللىي چالغۇلار كۆرگەزمىسى شىياڭ...