ياپونىيە باش ۋەزىرى جۇڭگوغا خەت ئەۋەتىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجەت قىلدى

0 2012-08-31 11:51:00   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست خەۋىرى: ياپونىيە يومىيۇرى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭلىق دياۋيۈ ئارىلىنى قوغدىغۇچى زاتلارنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا قەدەم بېسىشى سەۋەبىدىن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ زىددىيىتى چوڭقۇرلاشقان. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياپونىيە باش ۋەزىرى نودا يوشىخىكو جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئۆز قولى بىلەن خەت يازغان ھەم 28-چېسلادىن باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغان ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە ۋەزىرى تسۇيوشىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، تسۇيوشى جۇڭگودا تۇرغان كۈنلەردە، جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك چاۋشيەن مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىچكى كابېنت ئەمەلدارى ئوسامۇ فۇجىمۇرا 28-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: (ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتنىڭ مەزمۇنى) «ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» ئىگىلىشىمىزچە، ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان خەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدا ياپونىيە –جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا مۇراجەت قىلىنغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博