مىسىر يېڭى ھۈكۈمىتى ئايال رىياسەتچىلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ياغلىق ئوراپ كۈرۈنۈشكە چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغاندىن كىيىن مىسىر دۆلەتلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسىدا 2-چىسلا خەۋەر رىياسەتچىسى تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانچە ياغلىق بىلەن ئىكراندا پەيدا بولدى.
ئىگەنلىنىشىچە، بۇ ئايال رىياسەتچى نابىر چۈشلۈك پىروگىراممىدا قارا چاپان كىيىپ، بېشىغا چېچى ۋە بوينىنى ئوراپ تۇرىدىغان سۈت رەڭ ياغلىق چىگىپ ئىكراندا كۈرۈندى. بۇ دۆلەتلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسىسى 1960-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ئايال رىياسەتچىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانچە ياغلىق ئوراپ تىلۋىزورغا چىقىشى ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇبارەك ۋاقتىدا ياغلىق ئورايدىغان ئاياللار بىردەك ئاخباراتتىن يىراق تۇراتتىكەن.
مىسىر زۇڭتۇڭى مورسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بېرى بىر قاتار يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، يېڭى ھۈكۈمەتتىمۇ ئاز بولمىغان مۇسۇلمان زاتلار ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئانالىزچىلار" ئايال رىياسەتچىنىڭ ياغلىق بىلەن دۆلەتلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئىكرانىدا پەيدا بولىشى مورسى ھۈكۈمىتىنىڭ ھۈكۈمەت ئاخبارات تارماقلىرىغا قارىتا تەلتۈكۈس ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى" دىيىشتى.