بىر ئائىلىدىكى بەش ئاكا -سېڭىل بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن

0 2012-09-04 10:27:16   جۇڭشىن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

،نۇرغۇن قىزلار توي ئىشىنى ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈن دەپ ھېساپلاپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتەبىر كۈندە ئۆتكۈزىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتىدىكى ۋوردى ئائىلىسىدىكى بەش ئاكا -سېڭىل توينى بىرلىكتە قىلىشنى قارار قىلغان،يېقىندا ئۇلار بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشچە ،ئەڭ ئاۋۋال بۇ بەش ئاكا -سېڭىلنىڭ دادىسى ئۇلارنى بىرلىكتە توي قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ چىققان.بالىلىرىنىڭ ھىسىيات ئىشىنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن دادىسى بىر كۈنى بالىلىرىغا چاقچاق قىلىپ توينى بىر كۈندە ئۆتكۈزۈشنى ئېيىتقاندا بالىلىرى ئويلىمىغان يەردىن قوشۇلغان.

تويغا كېلىدىغان 1200مېھماننى سىغدۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەش بىر جۈپلەر شۇ يەردىكى بىرئايروپىلان موزىيىنىڭ لاپىسىدا ئۆتكۈزگەن.گەرچە بىر كۈندە ئوخشاش جايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئايرىم ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان.ئۈچ مەيدان توي مۇراسىمى شۇكۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى مەيدان توي مۇراسىمى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.بۇ بەش ئاكا -سىڭىلنىڭ ئپپىسى تۆت بىر جۈپكە ئۆز قولى بىلەن تورت ياساپ بەرگەن.

ھازىر ،توي تېخى تۈگمەي تۇرۇپ ئۇلار بىر يىللىق خاتىرە كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر