ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تەڭگىسى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ رىكورت ياراتتى

0 2012-09-04 10:28:46   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ئاۋىستىرالىيەنىڭ 3 دانە تەڭگىسى 900 مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا يېقىن باھادا سېتىلدى ھەمدە ئىككى تۈرلۈك دۇنيا رىكورتى ياراتتى .

ئاۋىستىرالىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈم تەڭگە پۇلىدىن "Hannibal head " دەپ ئاتالغان بىر دانە تۈشۈكلۈك كۈمۈش تەڭگە 410مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا سېتىلدى؛ ئاۋىستىرالىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئالتۇن تەڭگىسىدىن 1852-يىلى قۇيۇلغان ئادىرىد بىرتانىيە تىللاسى 370 مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا سېتىلدى. بۇ ئىككى دانە تەڭگە ئوخشاش تۈردىكى تەڭگىلەرنىڭ ئىچىدە كىلشىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ دۇنيا رىكورتى ياراتقان.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سېتىلغان يەنە بىر دانە 1813-يىلىنىڭ مۇستەملىكە ئالماشتۇرۇپ ساقلاش تەڭگىسى 100 مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا سېتىلغان، كۆزلەنگەن نىشاننىڭ يېرىمىغا سېتىلغان بۇلۇپ باھاسى ئانچە كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.

كىلىشىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۈشۈكلۈك تەڭگە شەخسى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قۇلىدا پەقەت مۇشۇ بىر دانە ئىكەن، بۇ تەڭگىدىن يەنە بىر دانە بار بۇلۇپ ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبى ۋېىرسى شىتاتلىق كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋېتىپتۇ.

ئاۋىستىرالىيە پۇل زاۋۇتىنىڭ دائىمى ئىشلار مۇدىرى جون بۇ تەڭگىلەرنىڭ شەخسى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر تەڭگىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر