جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-سېنتەبىرگوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئۈرۈمچىدە، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن قازاقىستان زۇڭلىسى مەسۇموۋ بىلەن كۆرۈشتى.
ۋېن جياباۋ مەسۇموۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ۋە قوشنا رايونلار ھەمكارلىق پىلانى پىروگراممىسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، چېگرا ئېغىزلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. مەسىموف مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ پىلانى ۋە ئۇنىڭغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ھەمكارلىقنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.
ئەنگلىيە سابىق باش ۋەزىر ساچىر خانىمنىڭ كىيىمى 150 مىڭ ئامېرى...
جەنوبى ئافرىقىدىكى ئالتۇن كان ئىشچىلىرى نامايىش قىلىپ مائا...
مالىلىيەن مىڭلونىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاندىكى نەق مەيدان سۈر...
2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى - كۆرگەزمە مەيد...
ئۆي باھاسى ھازىر ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇپ ، يېقىن كەلگۈسىدە ...
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تەڭگىسى يۇقىرى باھادا سېت...
بىر ئائىلىدىكى بەش ئاكا -سېڭىل بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈز...