كىچىك ئوغۇل بالا كەسلەنچۈك يىلانلار بىلەن دوست بولغان

0 2012-09-06 12:01:23   جۇڭشىن تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

   ئاۋىستىرالىيىدىكى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ،مېڭىشىمۇ تېخى ياخشى چىقمىغان ئوغۇل بالا <ھايۋانات باشقۇرغۇچى >بولۇپ قالغان. ئۇ كەسلەنچۈك بىلەن دوست بولۇپلا قالماي يەنە ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىر كېلىدىغان چوڭ بوغما يىلان بىلەن ئوينايدىكەن.

   بۇ يىك ئىككى ياشقا توشقان ئاۋىستىرالىيىلىك كىچىك بالا چارلى كىچىكىدىن باشلاپلا ھايۋاناتلار باغچىسىدا ھايۋانات باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان دادىسى بىلەن بىللە ئويناپ ھايۋاناتلار بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈش قولىقىغا سىڭىپ كەتكەن .ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى كەسلەنچۈك ،يىلانلاردىن ئادەتتە كىچىك بالىلار ئىنتايىن قورقىدۇ،لېكىن چارلى ئازراقمۇ قورۇقماي ئۇلارنى قۇچاقلاپ ئويناپ كېتىدىكەن.

   چارلىنىڭ دادىسى ئوغلىدىن پەخىرلىنىدىكەن،ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئوغلى ھايۋاناتلار باغچىسىدا ھايۋانلار بىلەن يىقىنلاشقاندا ئازراقمۇ قۇرقمايدىكەن،چارلى يەنە بوغما يىلان بىلەن ئادەتتىكىدەك ئويناپلا قالماي يەنە ھايۋانلارنى باشقۇرىدى ئادەتتىكى ساۋاتقىمۇ ئىگە ئىكەن،ئۇ بەلكىن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك <ھايۋانات باشقۇرغۇچى >بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن،ئىگىلىنىشچە ،چوڭلار مەجبورىي چارلىنى كەسلەنچۈك يىلانلار بىلەن يىقىنلاشتۇرغان ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆزى يىقىنلاشقان ئىكەن،بۇ بەلكىم تۇغما بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博