خوتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن ياغاچتا ياسالغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ چۆگۈن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئالاھىدە كۆزنى چاقناتتى

0 2012-09-06 12:05:58   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     

      2- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىمەك- ئىچمەك يايما ئورنىدا ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ياغاچ چۆگۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. چەينەكنىڭ ئىگىزلىكىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ئويۇلغان نۇرغۇن نەپىس گۈل ئويمىلىرىمۇ كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى.

بۇ چوڭ چۆگۈننى خوتەن قاراقاش ناھىيىسى تۈۋەت يېزىسىدىن دېھقان مەمەت ئابدۇللا ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ چۆگۈننىڭ ئىگىزلىكى 3.5 مېتر، دىئامېتىرى 1.35 مېتر بولۇپ، 1 توننا سۇ قاچىلىغىلى بولىدىكەن. بۇ چۆگۈننى خوتەننىڭ ئالاھىدە قارا سۆگەت ياغىچىدىن ياسىغان. چۆگۈننىڭ سىرتىدىكى گۈل ئويمىلارنىمۇ ئۆزى ئويغان، قىزىتىپ داغلاش ئارقىلىق رەڭ بەرگەن بولۇپ، رەڭگى 500 يىلدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگەرمەيدىكەن، بۇ چۆگۈننى ياساپ چىقىش ئۈچۈن 1 يىل ۋاقىت كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەمەت ئابدۇللا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۆگۈندىن 3 نى ياسىغان بولۇپ، بىر چۆگۈننى بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىغا سېتىپ بەرگەن. قالغان ئىككى چۆگۈننى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كېلىپ 500 مىڭ باھا قويغان، ھازىرغىچە 6 خېرىدار چۆگۈننى سېتىۋېلىش توغۇرلۇق سۆزلەشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博