بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى 89 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا، 10 مىڭ كىۋادرات مېتىركۆپەيتىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ساراي ئىچى كۆرگەزمە رايونى 52 مىڭ كىۋادرات مېتىر ، ساراي سىرتىدىكى كۆرگەزمە رايونى 37 مىڭ كىۋادرات مېتىر ؛ كۆرگەزمە ئورنى 4264 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە، ساراي ئىچىدە 2755، ساراي سىرتىدا 1509 ئورۇن بار . ساراي سىرتىدىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كۆرگەزمە رايونى كۆلىمى دۆلەت ئىچىدىكىئوخشاش تۈر كۆرگەزمە رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەم ھېسابلىنىدۇ .
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە جەمئىي ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، ئۇلار — خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە ئورنى ، دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە رايونى ، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنى ، كەسپىي مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونى، يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا رايونىدىن ئىبارەت . كەسپىي كۆرگەزمە رايونىدا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ۋە مۇھىت ئاسراش ، ئېلېكتىر سايمانلىرى ، قۇرۇلۇش بەش خىل مېتالى ، ساراي سىرتىدىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللار قاتارلىق 12 تۈرلۈك كەسپىي كۆرگەزمە بار، بۇنىڭ ئىچىدە خاس ماركا ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىكئاپتوموبىللار كۆرگەزمىسى ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ۋە 9-نومۇرلۇق سارايدىكى ئائىلە جاھازىلىرى ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك توقۇش كۆرگەزمىلىرى يېڭى قوشۇلغان كەسپىي كۆرگەزمىلەردۇر.
كەسپىي كۆرگەزمە رايونى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان كۆرگەزمە رايونى بولۇپ ، ساراي ئىچى-سىرتىدا 3100 دىن كۆپ كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىپ ، ئومۇمىي كۆرگەزمە ئورنىنىڭ %70 ىنى تەشكىل قىلىپ ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى يەنە بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرگەن . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۆرگەزمىگە كەلگەن جۇڭگو يىراق ئوكيان تىرانسىپورتى ، جۇڭگو تېلېگرافى قاتارلىق داڭلىق كارخانىلارمۇ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ دەرىجىسى ۋە تاۋارلار سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.