كۈنەس ناھىيسىدە 4.3 بال يەر تەۋرىدى

0 2012-09-03 11:09:10   خەلىقئئارا ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى ئۈرۈمچى 1- سىنتەبىر تېلگراممىسى . شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگەقارىغاندا ، بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى 14:47 ئۆتكەندە ، شىنجاڭ كۈنەس ناھىيسىدا 4.3 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش ئورنى شىمالى كەڭلىك 43.4° ، شەرقى كەڭلىك 84.7 گىرادوس بولۇپ ، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 6000 مىتىر . ئۈرۈمچىدىمۇ ئازراق سىلكىلىنىش بولغان ؛

   ھازىرغىچە ، ئىقسادى جەھەتتىن زىيان ، ئادەم يارلىنىش ۋە ئۈلۈش توغرىسىدا خەۋەر يوق ؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن 6- ئاينىڭ 30- كۈنى كۈنەس ناھىيسى ، خېجىڭ ناھىيسى قاتارلىق رايۇنلاردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەن ؛

   يېقىندا شىنجاڭدا كۆپ قىسىم جايلاردە توختىماي يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 17:12 ئۆتكەندە ، شىنجاڭ چۆچەك رايۇنى ۋە قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيسىدا 3.7 بال يەر تەۋرىگەن ؛ 8- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 17:50 ئۆتكەندە ، شىنجاڭ قەشقەر رايۇنى پەيزىۋات ناھىيسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىگەن ؛ شىخۇ شەھىرىدە 8- ئاينىڭ 30- كۈنى ، 3.2 بال يەر تەۋرىگەن ؛ ئۈرۈمچىدىمۇ ئازراق سىلكىلىنىش بولغان ؛

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博