ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 3-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، قۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا قۇرۇلۇش، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، زۇڭلى ۋېن جياباۋ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاچىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، خوتەن، قەشقەرگە يېتىپ باردى. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق يول مېڭىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، كوناشەھەر ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ، كەنت، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، بىڭتۇەننىڭ تۇەن-مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرمىللەت كادىرلار ۋە ئاممىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
خوتەندە ۋېن جياباۋ لوپ ناھىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى ۋە شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتى، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىلىق يەسلى، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە يېزىلىق شىپاخانا قاتارلىقلارنى تەكشۈردى ھەمدە خوتەندىن ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. قەشقەردە ۋېن جياباۋ كوناشەھەرنىڭ كوچىلىرىدىكى دۇكانلار ۋە ئۆيلەرگە كىرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرى، كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجۇ يېڭى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. يەنە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى داۋۇت ھاشىم بىلەن مەخسۇس كۆرۈشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق 14-دىۋىزىيەسى 47-تۇەنىگە يېتىپ بېرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى.
4-سېنتەبىر كەچتە، ئىككى كۈن داۋاملاشقان، ھەر كۈنى 15 سائەت ئەتراپىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەر تەرەپتىن زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە مەركەزنىڭ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دەخلى-تەرۇزى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى يوقىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلىشىۋاتقان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان، ھەرمىللەت خەلقى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىۋاتقان مەزگىلگە كىردى. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتى كۈچكە تولغان يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. بۇ ئىككى كۈندە بارغان جايلىرىمدا ئىقتىساد خېلى تەرەققىي قىپتۇ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق مۇقىمكەن، خەلق ئارامخۇدا ياشاۋېتىپتۇ. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.