شىنجاڭ تورى خەۋىرى ،ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق كۇرۇس،مەخسۇ كۇرۇس مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاراكتىكا مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان800يۈەندىن ئۆسۈپ 1000يۈەنگە تەڭشەلگەن، تەڭشەشنىڭ سۈرۈشتۈرۈش كۈچى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرگە ئاساسلانغاندا ،پاراكتىكانت مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى مالىيە ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.كارخانىلارغا بېرىپ پاراكتىكا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن <مائاشى>بۇرۇنقى 1200يۈەندىن 1500يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن.