شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، ئۆزىگە خاسئەۋزەلىككە ئىگە. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن، ئۆزئارا قوشنا، مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان. شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىدىغان بولۇپ، بۇ غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. كەلگۈسىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، تېخىمۇ تىرىشىپ شىنجاڭنى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تارماق نۇقتىسى ۋە غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆزنەكۋە مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كېرىمباي، بەي جىجيې، جىن نو قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.