ئاۋىستىرالىيە " كۈندىلىك تېلگىرامما گىزىتى " ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ماشىنا ئەتىرىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى پالما دەرىخى ساھىلى ناھىيە يىغىن مەركىزىگە كىتىۋاتقاندا ماشىنا ھادىسىسى يۈز بىرىپ، بىر نەپەر موتسىكىلىتلىق ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
پالما دەرىخى ساھىلى ناھىيەسى ئەدىلىيە تارمىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆلگۈچىنىڭ بىرۇس لاۋرېنت ئىسىملىك 20 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ ئۇباما ماشىنا ئەتىرىتىدە موتسىكىلىت ھەيدەپ يول ئېچىش ۋە قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ئىكەن، ۋەزىپە ئۈتەش جەريانىدا بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ بىر پىكارد ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كىتىپ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن.
نۆۋەتتە بۇ دىلو تەكشۈرۈلىۋاتقان بۇلۇپ، پىكارد ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى تېخى ئەيىبلەنمىگەن.
ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى جەي كارني ئوبامانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، لىكىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋاشىنگىتونغا قايتىش سەپىرىدە بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوباما ماشىنا ئەتىرىتى ھادىسىگە يۇلۇقۇپ موتسىكىلىتلىق ساقچ...
دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر «جىڭگاڭشەن» نومۇر...
نوكىيا 4 ديۇيىملىق Windows Phone 8 يانفونى «Flame» نى ئېلان قىلىشى مۇم...
ئىراقنىڭ 11 شەھىرىدە زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بىرى...
بېكخام بىلەن ۋىكتورىيە ئوماق قىزىنى ئېلىپ مودا كىيىم كۆرگەز...
جاڭ چۈنشيەن ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن كۆرۈ...
بۇقا ئوينىتىش پىروگىراممىسى 6 يىلدىن كىيىن ئىسپانىيە تىلۋىز...