نوكىيا 4 ديۇيىملىق Windows Phone 8 يانفونى «Flame» نى ئېلان قىلىشى مۇمكىن

0 2012-09-10 11:25:57   cnbeta.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

  گەرچە نوكىيا ئالدىنقى بىر قانچە كۈندە ئىككى خىل پاسوندىكى Windows Phone 8 يانفونىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئۈسكىنىلەرگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى Windows Phone 8 يانفونى «Zeal»غا ئالاقىدار خەۋەرلەر كۆرسىتىلگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ مەھسۇلات كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا بازارغا سېلىنىدىكەن، نۆۋەتتىكى بىر قانچە خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نوكىيا يەنە بىر خىل WP8 نى ئېلان قىلماقچى ئىكەن.


بۇ خىل 4 ديۇيملىق Windows Phone 8 يانفونى «Flame»نىڭ 512MB RAM,1.0GHz لىق، قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 8 مىلىيون پىكىسېللىق ئارقا سەپلەنمە فوتوكامېراسى ۋە 4Gb لىق ساقلاش بوشلۇقى بار ئىكەن.

گەرچە ساقلاش بوشلۇقى بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ يانفون ئابونتلىرى microSD كارتىسى ئارقىلىق سىغىمىنى چوڭايتسا بولىدىكەن. بۇ يانفون بەلكىم ئادەتتىكى بازار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇشى مۇمكىن، سېتىلىش باھاسىمۇ ھازىرقى Lumia 610 ۋە Lumia 710 نىڭكىدىن كۆپ پەرقلىق بولمايدىكەن. نۆۋەتتە بۇ يانفوننىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچىلىك ئىسپات يوق، ئەمما بۇ يانفوننىڭ 2013- يىلى بىرىنچى پەسىلدە بازارغا سېلىنىدىغىنىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر