ئەرافات فوند جەمئىيىتى ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە يەنە ئىسپات توپلاشنىڭ ھاجىتى يوق دېدى

0 2012-09-11 10:47:48   خەلىقئئارا ئاخبارات لىنىيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئەرافات فوند جەمئىيىتى 9-سىنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ، ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە يەنىمۇ كۆپ ئىسپات توپلاشنىڭ ھاجىتى يوق ، دېدى . بۇ ئۇلارنىڭ فىرانسىيە سوت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەرافاتنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ جەسىتىنى تەكشۈرۈش پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

   باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، گەرچە ئىشلىتىلگەن زەھەرنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن بولماي قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئەرافات زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قاراپ كەلدى . فوند جەمئىيىتى بۇ ئىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئىسپات توپلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.

   بۇ بايانات فىرانسىيە سوت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان .فوند جەمئىيىتىنىڭ بىر نەپەر مەلۇمات ئەربابى پەقەت خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا چىققاندىن كېيىنلا ، ئاندىن قەبرىنى ئېچىپ جەسەت تەكشۈرۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  4-سىنتەبىر ، ئەرافاتنىڭ خوتۇنى سۇھا بايانات ئېلان قىلىپ ، ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكى 3 نەپەر فىرانسىيەلىك تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ئەرافات دەپنە قىلىنغان ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا بېرىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى ،قەبرىنى ئېچىپ ، جەسەتنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . پەلەستىن رەھبىرى ئابباس جەسەت تەكشۈرۈشكە قوشۇلغان .

ئەرافات 2004-يىلى فىرانسىيەدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھەرخىل مىش -مىش گەپلەر تارالغان . 7-ئاينىڭ بېشىدا ، يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى خەۋەر بېرىپ ، ئەرافاتنىڭ خوتۇنى سۇھا تەمىنلىگەن ئەرافات ھايات ۋاقتىدا كىيگەن كىيىمگە ئېرىشكەنلىكىنى ، كىيىمنى شېۋىتسارىيە رادىئوئاكتىپلىق فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ، بۇ كىيىمدە 20 ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغان مىقداردىكى رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمىنت پولونىينىڭ بارلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەرافاتنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىغان . سۇھا فىرانسىيەگە ئەرز سۇنۇپ ، ئەرافاتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ، فىرانسىيە سوتى ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博